تۈركىيە ئالجىرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئالجىرىيەدىكى ئوت ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.

1869680
تۈركىيە ئالجىرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، ئالجىرىيەنىڭ كۆپلىگەن ۋىلايەتلىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ئورمان ئوت ئاپەتلىرىدە كۆپ ساندا كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئوت ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئالجىرىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز. ئالجىرىيەگە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى تەكىتلەيمىز.»

ئالجىرىيەنىڭ ئەتتارىف ۋە سەتىف شەھەرلىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ئورمان ئوت ئاپەتلىرىدە 31 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر