ئاشلىق بېسىلغان پاراخوتلار يولغا چىقتى

ئۇكرائىنانىڭ ئودېسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىدىن ئاشلىق بېسىلغان پاراخوتلارنىڭ قوزغالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1868793
ئاشلىق بېسىلغان پاراخوتلار يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنادىن ئاشلىق بېسىلغان تۆت پاراخوتنىڭ يولغا چىققانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى رامكىسىدا، ئاپتاپپەرەس يېغى، قوناق ۋە ئاپتاپپەرەس مېغىزى توشۇغان تۆت پاراخوتنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن (2022-يىلى 17-ئاۋغۇست) ئۇكرائىنانىڭ ئودېسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىدىن قوزغالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر