ئەردوغان مالايشىيا پادىشاھىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئوردېنى تەقدىم قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان مالايشىيا پادىشاھى سۇلتان ئابدۇللا رىئاياتۇددىن ئەل مۇستاپا بىللاھ شاھ بىلەن كۆرۈشتى.

1868770
ئەردوغان مالايشىيا پادىشاھىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئوردېنى تەقدىم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان مالايشىيا پادىشاھى ئەل مۇستاپا بىللاھ شاھنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئالدى.

ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشقان ئايرىم سۆھبەتتىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مالايشىيا پادىشاھى سۇلتان ئابدۇللاھنىڭ شەرىپىگە رەسمىي كەچلىك زىياپەت بەردى. ئاندىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، ئەردوغان مالايشىيا پادىشاھى سۇلتان ئابدۇللا شاھقا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئوردىنى تەقدىم قىلدى.

سۇلتان ئابدۇللا شاھمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا مالايسشىيانىڭ ئەڭ ئالىي دۆلەت تاجى ئوردېنىنى سوۋغا قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر