شانلىئۇرفادا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

شانلىئۇرفا ۋىلايىتىنىڭ بىرەجىك ناھىيەسىدىكى چېگرا لىنىيەسىدە  شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك ئارقىلىق قىلىنغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە يارىلانغان بىر ئەسكەر دوختۇرخانىدا شېھىت بولدى.

1868918
شانلىئۇرفادا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «شانلىئۇرفا ۋىلايىتىنىڭ بىرەجىك ناھىيەسىدىكى چېگرا لىنىيەسىدە، 2022 – يىلى 16 – ئاۋغۇست كۈنى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى تېررورچىلارنىڭ شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك ئارقىلىق قىلغان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە يارىلانغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قەھرىمان سەپدىشىمىز ئەنەس غازى ئۆزدەمىر، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2022 – يىلى 17 – ئاۋغۇست كۈنى شېھىت بولدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر