شانلىئۇرفادا 22 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

شانلىئۇرفا ۋىلايىتىنىڭ بىرەجىك ناھىيەسىدىكى چېگرا لىنىيەسىدە 22 تېررورچى تۈركىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.

1869158
شانلىئۇرفادا 22 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «شانلىئۇرفا ۋىلايىتىنىڭ بىرەجىك ناھىيەسىدىكى چېگرا لىنىيەسىدە ئىككى قەھرىمان سەپدىشىمىز شېھىت بولۇپ كەتكەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، رايوندا ئېنىقلاپ چىقىلغان نىشانلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ھازىرغىچە رايوندا 22 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا، شانلىئۇرفا ۋىلايىتىنىڭ بىرەجىك ناھىيەسىدىكى چېگرا لىنىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى تېررورچىلارنىڭ شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك ئارقىلىق قىلغان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە يارىلانغان بىر ئەسكەرنىڭ دوختۇرخانىدا شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر