شانلىئۇرفادا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ شانلىئۇرفا  ۋىلايىتىنىڭ بىرەجىك ناھىيەسىگە جايلاشقان چىچەكئالان چېگرا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، 4 ئەسكەر يارىلاندى.

1868486
شانلىئۇرفادا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا يارىلانغان 4 ئەسكەر، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى بىلەن دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ۋەقەدىن كېيىن، تۈركىيە قىسىملىرى تېررورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، بۇ دائىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 13 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر