دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى قامىشلى رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئاتالمىش قامىشلى ۋىلايەتلىك مەسئۇلى «دىجۋار سىلوپى» تەخەللۇسلۇق مۇھسىن ياغاننى بىر تەرەپ قىلدى.

1868354
دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارىتا چېگرا لىنىيەسىدە كۆپ ساندا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ پىلانلىغۇچىسى ۋە ئىجرا قىلغۇچىسى بولغان تېررورچى ياغاننىڭ، قامىشلى رايونىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى، بۇنىڭغا ئاساسەن  سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى قامىشلى رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى داۋامىدا، تېررورچى ياغاننى بىر تەرەپ قىلغان.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىغا قارىتا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى تېزلەشتۈرگەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى، قامىشلى رايونىدا، 6 ئاۋغۇست كۈنىمۇ ئاتالمىش ئامۇدە – دەربەسىيە ئۆلكىسىنىڭ مەسئۇلى، ئىران پۇقراسى «رەزان جاۋىت» تەخەللۇسلۇق تېررورچى يۇسىف مەھمۇد رەبانىنى بىر تەرەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر