ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى پاكىستان بايرىقىنىڭ رەڭگىدە نۇرلاندۇرۇلدى
ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت (FSM) كۆۋرۈكى پاكىستاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 75 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستان بايرىقىنىڭ رەڭگىدە نۇرلاندۇرۇلدى.
1867760
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلنىڭ سېمۋول خاراكتېرلىك نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان فاتىھ سۇلتان مەھمەت (FSM) كۆۋرۈكى مۇھىم كۈنلەردە ھەرخىل رەڭلەر بىلەن نۇرلاندۇرۇلۇپ كەلمەكتە.
فاتىھ سۇلتان مەھمەت (FSM) كۆۋرۈكى بۇ قېتىم پاكىستاننىڭ 1947-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 75 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستان بايرىقىنىڭ رەڭگىدە نۇرلاندۇرۇلدى.