ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن مالايشىيا پادىشاھى تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

مالايشىيا پادىشاھى سۇلتان ئابدۇللاھ رىياتۇددىن ئەل مۇستاپا بىللاھ شاھ بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

1867686
ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن مالايشىيا پادىشاھى تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
sultan abdullah riayatuddin al-mustafa billah sah.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مالايشىيا بىلەن بولغان دوستلۇق، ئۆز-ئارا ئىشىنىش ۋە خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەتلەر دائىرىسىدە يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىلەر جانلانغان.

بۇ دائىرىدە، مالايشىيا باش مىنىستىرى ئىسمائىل سابرى ياقۇپ ئىيۇلدا تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى «ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك» سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈلگەن ئىدى.

سۇلتان ئابدۇللا شاھنىڭ خانىشى تۇنكۇ ئەزىزە ئامىنە مايمۇنا ئىسكەندەرىيە بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى، ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىن مالايشىيادىن تۈركىيەگە قىلىنغان پىرېزىدېنت سەۋىيەسىدىكى تۇنجى قېتىملىق زىيارەت بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر