تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تىنچلىق بۇلىقى رايونىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ ئوق چىقارغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ نىڭ ئۈچ ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1867858
تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېر بېتىدە، تىنچلىق بۇلىقى رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «تېررورىستلار ئۆزىنى كۈتۈۋاتقان ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ! سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ ئوق چىقارغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ نىڭ ئۈچ ئەزاسى بىرب تەرەپ قىلىندى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر