ئاغرىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەبە بېرىلدى
«ئەرەن قامال قىلىش – 10» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئاغرى ۋىلايىتى دىيادىن ناھىيەسىنىڭ تەندۈرەك تېغى يېزىسىدا ئىككىسى «يېشىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تىزىملىكى» دىن ئورۇن ئالغان 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ككىسى «يېشىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تىزىملىكى» دىن ئورۇن ئالغان 3 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، تېررورچىلارنى «تەسلىم بولۇش» قا چاقىردى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلارغا قارشى كۈرىشى كەسكىن داۋاملاشماقتا ئىكەن. بۇ دائىرىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.
مىنىستىرلىق، «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى تېررورچىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تەشەببۇسى نەتىجىسىدە، بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.