ئەردوغان ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت كۇتۇپخانىسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

1867290
ئەردوغان ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى
erdogan medeniyet universitesi kutuphanesi1.jpg
erdogan istanbul medeniyet universitesi kutuphanesi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى زىرائەت بانكىسى كۇتۇپخانىسى ۋە مەركىزىي دەرسلىك بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئەردوغان، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ھازىر تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانىنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدىكى بەشتەپە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بىناسىغا جايلاشقان 5 مىليون توملۇق كىتابقا ئىگە دۆلەت كۇتۇپخانىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «(مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا) بىر مىليون توملۇق كىتابقا ئىگە ۋە بىرلا ۋاقىتتا 3 مىڭ كىشىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئېلىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت كۇتۇپخانىسىنى ئاچىمىز.»

ئۇ، ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ كۇتۇپخانىلىرىدىكى كىتاب سانىنىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 3 ھەسسە كۆپەيتىپ، 70 مىليونغا يەتكۈزگەنلىكلىرىنى، بۇنى يىل ئاخىرغىچە 100 مىليونغا يەتكۈزىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر