چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە – شىۋېتسىيە – فىنلاندىيە مىخانىزم يىغىنى چاقىرىلىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 26-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيە - شىۋېتسىيە - فىنلاندىيە مىخانىزم يىغىنى چاقىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1866960
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە – شىۋېتسىيە – فىنلاندىيە مىخانىزم يىغىنى چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر كونفېرانسىنىڭ ئاخىرقى كۈنى يېپىلىش سۆزى قىلدى.

شىۋېتسىيە  بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى مۇساپىسى توغرۇلۇق بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئۈچ تەرەپلىك كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، تەرەپلەرنىڭ مەزكۇر ھۆججەت ۋە باياناتلىرىدا بەرگەن ۋەدىسىنى تېخى ئورۇندىمىغانلىقىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ يۆنىلىشتە قەدەم تاشلىغانلىقىنى كۆرمىگەنلىكلىرىنى بايان قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ، گەرچە شىۋېتسىيە  بىلەن فىنلاندىيە باياناتلارنى ئېلان قىلغان، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ياخشى نىيەتلىك ئىكەنلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتتىن ئىجابىي قەدەم تاشلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ھەردائىم ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

مەزكۇر كېلىشىم لايىھەسىگە ئاساسەن تاشلىنىدىغان ئىجابىي قەدەملەرنى كۆزىتىش ئۈچۈن شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بىر مىخانىزم ئورنىتىلغانلىقىنى ئېيتقان مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىيۇل ئېيىدىمۇ بىر يەرگە جەم بولۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، چۈنكى بىز قانداق قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى، قانداق قەدەملەرنىڭ تاشلانمىغانلىقىنى، نېمىشقا تاشلانمىغانلىقىنى كۆرۈشنى خالايمىز، ئەمما بىز ئۈچۈن ۋاقىت بېسىمى يوق. ئەلۋەتتە تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە (ۋاقىت بېسىمى) بار، لېكىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى خالايدىغانلار ئەنە شۇلاردۇر. ئۇلارمۇ ئاۋغۇست ئېيىدا بىر يەرگە جەم بولۇش تەكلىپىنى سۇندى، خۇدايىم بۇيرىسا، بۇ مېخانىزىمنىڭ تۇنجى يىغىنى 26-ئاۋغۇست كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر