ھاققارىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ھاققارىنىڭ چۇقۇرجا قازان ۋادىسىدا «ئەرەن قامال قىلىش - 29 ئىچكى بىخەتەرلىك» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1866550
ھاققارىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ھاققارى ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن، چۇقۇرجا ناھىيەسىنىڭ مەشەلى مەھەللىسىنىڭ قازان رايونىدا، 10 – ئاۋغۇست كۈنى باشلانغان «ئەرەن قامال قىلىش – 29» ھەربىي ھەرىكىتى كەسكىن داۋاملاشماقتا ئىكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، «ئاپېلسىن رەڭلىك كاتېگورىيە» دىن ئورۇن ئالغان بىر تېررورچى بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 6 تېررورچى تۈركىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ماردىن چېگرا لىنىيەمىزگە تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 6 تېررورچى، قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر