تۈركىيە ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلانماقتا
سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەدە بىر ئورۇن ئاجرىتىلغانلىقىنى ۋە نۆۋەتتە بۇ ھەقتە خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھمەت مۇش، قەيسەرىدە بىر يىغىندا، پۈتكۈل دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزەك كىرىزىسى ھەققىدە توختالغاندا، ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى ئاستىلىغاندا، ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ۋە ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ (ئۆزەك) تېلېفون ۋە كومپيۇتېرلارغىچە ئىشلىتىشكە بولىدىغان بىر مەھسۇلاتتۇر. تەيۋەن ئىنتايىن مۇھىم ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى ھېسابلىنىدۇ. بىزنىڭمۇ بۇ جەھەتتە سېلىنمىلىرىمىز بار. ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى مەلۇم ئورۇن ئاجرىتىلدى. ھازىر بۇ ھەقتە سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرلىقى خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ.»
كېلەچەكنىڭ تېخىمۇ كۆپ تېخنولوگىيەلىك ۋە دىگىتاللىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مىنىستىر مۇش، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەلۋەتتە، دىگىتاللىشىدىغان ھەر ساھە بۇ ئۆزەككە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇنىڭغا بولغان تەلەپ كۈچىيىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى كۈچكە ئايلىنىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى يوقىتىلدى.