5 – نۆۋەتلىك ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى

5 – نۆۋەتلىك ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن باشلاندى.

1865875
5 – نۆۋەتلىك ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنتەربىيە فېدېراتسىيەسى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەنھەرىكەت تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا كونيا شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن  5-نۆۋەتلىك ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئەردوغان، مۇراسىمغا، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئېدى راما، ئالجىرىيە باش مىنىستىرى ئەيمەن بىن ئابدۇرراھمان، ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنتەربىيە فېدېراتسىيەسى رەئىسى شاھزادە ئابدۇلئەزىز بىن تۈركى ئال فەيسەل ئال سۇئۇد قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمدا، نۇتىقىنى  «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دەپ باشلىغان ئەردوغان، مۇنداق دېدى: «5 – نۆۋەتلىك ئىسلامىي ھەمكارلىق مۇسابىقىسى پائالىيەتلىرىنى باشلىتىمەن. بۇ پائالىيەتلەرگە تۆھپە قوشقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم ۋە خەلقىم نامىدىن قىزغىن تەبرىكلەيمەن.»

5 – نۆۋەتلىك ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىش مۇراسىمى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. دۆلەت ئەركانلىرىنىڭ تەنتەربىيە سارىيىغا كېلىشى بىلەن تەڭ «ئىستىقلال مارشى» ئوقۇلدى، ئارقىدىن تۈركىيە بايرىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

كېيىنچە، مۇسابىقىگە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆمەكلىرى ئېلىپبە تەرتىپە بويىچە بايراقلىرىنى لەپىلدەتكەن ھالدا تەنتەربىيە سارىيىغا كىرىپ كەلدى.

ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم مۇزىكانتلىرىدىن ماھېر زائىنمۇ 5 – نۆۋەتلىك ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىشى مۇراسىمىدا قىسقىچە كونسېرت بەردى.

چىراغ نۇرى يورۇتۇش ۋە ئېتىلداق  ئېتىش ماھارەتلىرى كۆرسىتىلگەن مۇسابىقە كېچىلىكىدە، ئۇسسۇلچىلار سەھنىدە ھەر خىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى. خەلق ئويۇنلىرى نومۇرلىرى  تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر