ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى تۈركىيەگە يۇقىرى باھا بەردى

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھېلگا مارىئا شىمىد، پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 13 – نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنىدا سۆز قىلدى.

1865368
ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى تۈركىيەگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھېلگا مارىئا شىمىد، پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 13 – نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا: «تۈركىيەنىڭ ئاشلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش يولىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بىلەن بىرلىكتە يولغا قويغان دىپلوماتىيەسى كىشىنى قايىل قىلىدۇ» دېدى.

شىمىد، تۈركىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان ئويناۋاتقان دىپلوماتىك رولى ھەققىدە توختىلىپ: «تۈركىيەنىڭ ئاشلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش يولىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بىلەن بىرلىكتە يولغا قويغان دىپلوماتىيەسى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. چۈنكى ئاشلىق ماتېرىياللىرى ۋە ئوغۇتنىڭ ئۇكرائىنادىن چىقىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈلۈشى ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنادا تۈركىيە ۋەكىللىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن شىمىد، تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئۇكرائىنادىن چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بىلەن بىرلىكتە پەيدا بولغان قۇرۇقلۇق مىنالىرى، ئۇرۇشنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تۈركىيەنىڭ قوللىشىغا موھتاج ئىكەنلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باش كاتىپ شىمىد ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن، «تۈركىيە دىپلوماتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ كەسپىي دىپلوماتىيەلەرنىڭ بىرى» دېدى.

ئۇ، تۈركىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ ئەزەلدىن كۈچلۈك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «تۈركىيە ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىماقتا. شۇڭا، تۈركىيە نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ كۆپ خىللىقچى چۈشەنچىگە ئەڭ ماس دۆلەتلەرنىڭ بىرى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ بۇ فۇنكسىيەسىنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى قارمىقىدىكى تەتقىقاتلاردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئۆزبېكىستاندىن ئافغانىستانغا ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم ئەشيا ئوبوروت نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ نورماللىشىش مۇساپىسىگە قوشقان تۆھپىسى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تىلغا ئالغان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى شىمىد، تۈركىيەنىڭ «ئاياللار رەھبەرلىك سۇپىسى» غا قوشقان تۆھپىسىگىمۇ يۇقىرى باھا بېرىپ: «ئاياللارنىڭ ئىشتىراكى قانچە كۆپ بولسا، تىنچلىق كېلىشىملىرىنىڭ مۇددىتى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر