ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى دائىرىسىدە يەنە ئىككى پاراخوت ئۇكرائىنادىن يولغا چىقتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئاشلىق بېسىلغان يەنە ئىككى پاراخوتنىڭ ئۇكرائىنادىن يولغا چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1865355
ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى دائىرىسىدە يەنە ئىككى پاراخوت ئۇكرائىنادىن يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاشلىق يۆتكەش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە جەنۇبىي كورېيەگە 64720 توننا كۆممىقوناق ئېلىپ يولغا چىققان لىبېرىيە بايراقلىق «Ocean Lion» ناملىق پاراخوت بىلەن ئىستانبۇلغا 5300 توننا ئاپتاپپەرەس كۈنجۈرىسى ئېلىپ يولغا چىققان تۈركىيە بايرىقى قادالغان «راھمى ياغجى» ناملىق پاراخوت بۈگۈن ئەتىگەن كورنومورسكىدىن يولغا چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، يېرىم كېچىدە ئىستانبۇل ئاھىركاپى دېڭىز تەۋەلىكىگە كېلىپ توختىغان تۆت پاراخوت ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن بۈگۈن تەكشۈرۈلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر