ئاقار: ھەرىكەتلىرىمىز تاجاۋۇزچىلىق ئەمەس، بىز تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار پايتەخت ئەنقەرەدە داۋاملىشىۋاتقان 13 – نۆۋەتلىك با ئەلچىلەر يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش توغرىسىدا بايانات بەردى.

1865589
ئاقار: ھەرىكەتلىرىمىز تاجاۋۇزچىلىق ئەمەس، بىز تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار پايتەخت ئەنقەرەدە داۋاملىشىۋاتقان 13 – نۆۋەتلىك با ئەلچىلەر يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە بايانات بېرىپ: «تېررورلۇق رايونلىرىدىكى ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ ھېچقايسىسى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى ئەمەس. بىز تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ بىردىنبىر نىشانىمىز تېرورچىلار بولۇپ، ئۇلارغا قارشى كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

مىنىستىر ئاقار، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانىنىڭ 311 ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بىزنىڭ خەلقىمىزنى تېرورلۇقنىڭ ئاپەتلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىي. بىزنىڭ ھەرىكەتلىرىمىز تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى ئەمەس، بىز تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز. قەيەردە تېررورچىلار بولسا، بىزنىڭ (زەربە بېرىش) نىشانىمىز شۇ يەر. <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 311. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بەدىلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تېررور كارىدورىنىڭ ئېچىلىشىغا يول قويمايمىز. تېررورچىلار تۇرۇۋاتقان ھەر قانداق يەر بىزنىڭ زەربە بېرىش نىشانىمىزدۇر. سۆھبەتداشلىرىمىزنىڭ بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز. بىز ھاكىمىيەتنىڭ ۋە تېررورچىلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا بىگۇناھ سۈرىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەر ھالدا يۇرتىغا قايتىپ كېتىشىنى نۇقتىسىدىن ھەرىكىتىمىزنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقى سايىسىدا ھەل بولغان ئاشلىق كىرىزىسىدىن كېيىن ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن ئايرىلدىغان پاراخوتلار ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇرۇش بار، ئەمما بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى ھەل قىلىنىشى كېرەك. بىرلەشمە كونترول قىلىش خىزمەتلىرى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. ھازىرغا قەدەر مىنا مەسىلىسى چىقمىدى. بىز ئاشلىق مەسىلىسىدە ھاسىل بولغان مۇساپىنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئۈلگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر