ئەردوغان «مۇھەررەم ئېيى» نىڭ ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى تىلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئاشۇرە كۈنى» ۋە «مۇھەررەم ئېيى» نىڭ ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

1865305
ئەردوغان «مۇھەررەم ئېيى» نىڭ ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى تىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزنىڭ سىمۋولى بولغان «ئاشۇرە كۈنى> ۋە <مۇھەررەم ئېيى> نىڭ ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن. شېھىت بولغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىدە، شېھىتلىرىمىزنىڭ يولباشچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەزرىتى ھۈسەيىننى ۋە كەربالا شېھىتلىرىمىزنى ياد ئېتىمەن.»

ئەردوغان، تۈنۈگۈن كەچتە يەنە، پايتەخت ئەنقەرەدىكى ھۈسەيىن غازى جەمئەۋىنى زىيارەت قىلدى، ھەمدە بۇ يەردە، ئەلەۋى ۋە بەكتاشى  جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن «مۇھەررەم ئېيى» ئىپتارىغا قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر