چاۋۇشئوغلۇ: قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداۋاتىمىز

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قىبرىس تۈركلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغان ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداۋاتقانلىقلىرىنى ۋە بۇ ھەق – ھوقۇقلارنىڭ قىبرىس تۈركلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1865680
چاۋۇشئوغلۇ: قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، 13 -  نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر كونفېرانسى دائىرىسىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار باش ئەلچىلەرگە خىتاب قىلغان ئولتۇرۇشتا سۆز قىلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئۇزۇن يىللار تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  كۈرەش قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىلگىرى قىيىن مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ باردۇق. بولۇپمۇ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى خالىمىغانلىقى ۋە قىبرىس تۈرك خەلقى بىلەن ھېچقانداق بىر نەرسىنى ئورتاقلىشىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مۇزاكىرىلەردىن ھېچقانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىدۇق.»

ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كرانس-مونتانادا بۇنىڭدىن كېيىن فېدېراتسىيە تۈزۈمى ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ بارمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەنلىكلىرىنى ئېيتقان چاۋۇشوغلۇ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار پىرېزىدېنت نامزاتى بولغان ۋاقىتتا سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدە بۇنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئەرسىن تاتارنى قىزغىن قوللاپ، تاللىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «قىبرىس تۈركلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغان ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداۋاتىمىز ۋە بۇ ھەق – ھوقۇقلارنىڭ قىبرىس تۈركلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

چاۋۇشئوغلۇ، قىبرىستا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلمەكچى بولسا، «قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى باراۋەرلىكى ۋە تەڭ ھوقۇقلۇق سالاھىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى» كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلسە، ئەمدى ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدا ئەمەس، بەلكى ئىككى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.»

«بۈگۈنكى كۈنگىچە ھەر جەھەتتىن ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەن بولۇشىمىزغا  قارىماي، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب ئەللىرى ۋەدىسىدە تۇرماي، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى ۋە قىبرىس تۈرك خەلقىنى يېتىم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەمما بىز، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جۇمھۇرىمىز رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە، پۈتكۈل دۇنيادا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى جان تىكىپ قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر