بايراموۋ ئەنقەرەدە چاقىرىلغان 13 - نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنىدا سۆز قىلدى

ئەزەربەيجان تاشقى مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنىغا قاتنىشىپ سۆزدى.

1865511
بايراموۋ ئەنقەرەدە چاقىرىلغان 13 - نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنى ئىشتىراكچىلىرىغا سۆز قىلىپ، تۈركىيە دىپلوماتىيىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ خەلقئارا ئاكتىيور (كۈچ) لۇق رولىنى كۈندىن-كۈنگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈركىيە دىپلوماتلىرىنىڭ ھەر خىل خەلقئارالىق سۇپىلاردا ئەزەربەيجاننىڭ مەنپەئەتىنى، ئەزەربەيجان دىپلوماتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ئوخشاشلا قوغدىشى سايىسىدا كۆزلەنگەن دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى 30 يىلدا خەلقئارا سىستېمىدا تېز ۋە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان بايراموۋ، بۇ بارلىق تەرەققىياتلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خەلقئارا سىستېمىدىكى داۋالغۇش ۋە نارازىلىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيەنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارا ئادالەتنى ئورنىتىشتا پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئۈلگە بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن بايراموۋ، 500 يىللىق مىراسقا ئىگە تۈركىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ خەلقئارا ئاكتىيورلۇق رولىنى كۈندىن كۈنگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ <ئىشەنچلىك مۇرەسسەچى> سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان بايراموۋ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە، لىۋىيە، ئۇكرائىنا كىرىزىسلىرىدا خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسانىي قىممەت قاراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىنى بۇنىڭ تۈركىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى، چوڭقۇرلۇقى، ئىنسانىيلىقى ۋە ئادالەتتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەزەربەيجان تاشقى مىنىستىرى بايراموۋ، زېمىنىنى ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىشى جەريانىدا ئەزەربەيجاننى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك جەھەتتىن بىۋاسىتە قوللىغان تۈركىيەنىڭ، قەددىنى تىك تۇتۇپ، ھەق، ھەقىقەت ۋە ئادالەت تەرەپتە تۇرغان بىر دۆلەت سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر