ۋىدېئو خەۋەر: ئەردوغان يەرلىك ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ سىناق قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گەبزە ئىلىم – پەن ۋادىسىدا توگگ (TOGG)نىڭ ئەڭ يېڭى تىپىنى ھەيدەپ سىناق قىلدى.

1865175
ۋىدېئو خەۋەر: ئەردوغان يەرلىك ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گەبزە ئىلىم – پەن ۋادىسىدا توگگ (TOGG)نىڭ ئەڭ يېڭى تىپىنى ھەيدەپ سىناق قىلدى.

ئەردوغان گەبزە ئىلىم – پەن ۋادىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مەركىزى كوجائەلىگە تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى»دىن كېيىن، سىناق جەريانى داۋام قىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى توگگنى ھەيدەپ سىناپ باقتى.

توگگنىڭ «SUV» مودېلى 2023 – يىلىنىڭ بىرىنچى چارىكىدە تۈركىيەدە بازارغا سېلىنىدۇ. 2030 – يىلىغىچە بەش پەرقلىق مودېلدا بىر مىليون ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر