چاۋۇشئوغلۇ ئىسمائىل ھەنىييە ۋە ھەسەن تۇران بىلەن تېلېفونلاشتى

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ھاماس سىياسىي بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە ۋە ئىراق تۈركمەن فرونتى رەئىسى ھەسەن تۇران بىلەن تېلېفونلاشتى.

1864855
چاۋۇشئوغلۇ ئىسمائىل ھەنىييە ۋە ھەسەن تۇران بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس سىياسىي بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن تېلېفونلاشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ تېلېفونلىشىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى غەززەگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىش ۋەقەسى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەنە، ئىراق تۈركمەن فرونتى رەئىسى ھەسەن تۇران بىلەنمۇ تېلېفونلاشتى؛ ئۇ ئۆزىنىڭ ھەسەن تۇران بىلەن تېلېفونلاشقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «رايوندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن، ئىراقنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقى بىلەن تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىنچلىقى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى مۇھاكىمە قىلدۇق. بىز ھەر دائىم ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ يېنىدىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر