ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ، 8-9-ئاۋغۇست كۈنلىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، 13-نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

1864702
ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بايراموۋنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 8-9-ئاۋغۇست كۈنلىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، 13-نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايراموۋنىڭ 13-نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنىدا باش ئەلچىلىرىمىزگە خىتاب قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر