ئەردوغان «توگگ»نى ھەيدىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گەبزە ئىلىم – پەن ۋادىسىدا توگگ (TOGG)نىڭ ئەڭ يېڭى تىپىنى ھەيدەپ سىناق قىلدى.

1864592
ئەردوغان «توگگ»نى ھەيدىدى
erdogan togg test surusu1.jpg
erdogan togg test surusu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان گەبزە ئىلىم – پەن ۋادىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مەركىزى كوجائەلىگە تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى»دىن كېيىن، سىناق جەريانى داۋام قىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى توگگنىڭ ھەيدە سىناپ باقتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسدىكى ئادرېسىدا توگگقا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «جەننەت ۋەتىنىمىزنىڭ يوللىرىدا ... يەرلىك ۋە مىللىي...» دەپ يازدى.

ئۇچۇر بىلەن بىرلىكتە ئەردوغاننىڭ ئاپتوموبىلنى ھەيدەۋاتقان جەرياندا تارتىلغان سۈرەتلەرگىمۇ ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر