ئاشلىق بېسىلغان ئۈچ پاراخوت يولغا چىقتى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قوناق بېسىلغان پاناما، مالتا ۋە تۈركىيە بايراقلىرى ئېسىلغان پاراخوتلارنىڭ ئۇكرائىنادىن يولغا چىققانلىقىنى بىلدرۈدى.

1863973
ئاشلىق بېسىلغان ئۈچ پاراخوت يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قوناق بېسىلغان ئۈچ پاراخوتنىڭ ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن يولغا چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ئۇكرائىنادىن ئىرېلاندىيەگە بارىدىغان ۋە 33 مىڭ توننا مىسىر بېسىلغان پاناما بايرىقى ئېسىلغان «ناۋىستار» ناملىق پاراخوت، ئودېسا پورتىدىن يولغا چىققان. پاراخوت ئىستانبۇلنىڭ شىمالىدا بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزىدە تەكشۈرۈلىدىكەن.

13 مىڭ توننا مىسىر بېسىلغان ۋە تۈركىيە بايرىقى ئېسىلغان ئىككىنچى پاراخوت ئۇكرائىنانىڭ چېرنومورسك پورتىدىن ئەنگلىيەگە قاراپ يولغا چىققان بولۇپ، بۇ پاراخوتمۇ ئوخشاشلا ئىستانبۇلنىڭ شىمالىدا بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدىكەن.

مالتا بايرىقى ئېسىلغان «روجېن» ناملىق پاراخوتنىڭ دېڭىز سەپىرى بولسا، بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنماقتا ئىكەن.

بۇ جەرياندا، ئۇكرائىنانىڭ چېرنومورسك پورتىدىن ئاشلىق بېسىش ئۈچۈن ئىستانبۇلنىڭ شىمالىدا لەڭگەر تاشلىغان «فۇلمار س» ناملىق پاراخوتنىڭمۇ بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇكرائىنانىڭ ئودېسا پورتىدىن قوناق بېسىپ يولغا چىققان بىرىنچى پاراخوت «رازونى»، ئىستانبۇلدىكى تەكشۈرۈشلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ لىۋاننىڭ تىرىپولى پورتىغا قاراپ ھەرىكەت قىلغان ئىدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ئۇكرائىنا پورتلىرىدا ئاشلىق بېسىپ ساقلاپ تۇرۇۋاتقان ئۈچ پاراخوتنىڭ بۈگۈن (2022-يىلى 5-ئاۋغۇست) يولغا چىقىشىنىڭ پىلان قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇ ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ ۋە ئۇكرائىنا ئاستىقۇرۇلما مىنىستىرى ئولېكساندىر كۇبراكوۋ بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئاشلىق يۆتكەش مەسىلىلىرى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر