ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ كۆرۈشۈشى باشلاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدىكى كۆرۈشۈشى باشلاندى.

1864341
ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ كۆرۈشۈشى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كۆرۈشۈش ھارپىسىدا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا، بولۇپمۇ سۈرىيەدىكى  ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشىمىزنىڭ، رايوننىڭ تىنچلىقى ھەم مۇقىملىقىغا ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئېنېرگىيە ساھەسىدە، ئاشلىق مەسىلىسىدە قارادېڭىز لىنىيەسىدە تاشلىنىۋاتقان قەدەملەر، ساياھەتچىلىك ساھەسىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەر، قاتناشقا مۇناسىۋەتلىك تاشلىنىۋاتقان قەدەملەر ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رايوندا بەزى قەدەملەر تاشلىنىشى كېرەك. بۇ دائىرىدە، ھەيئەتلىرىمىزنىڭ پائالىيەتلىرى، بۈگۈن بىزنىڭمۇ ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشىمىز، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ رايوندا ئويناۋاتقان رولىنى نامايەن قىلىش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ساھىبخان دۆلەت رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن، مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى قارادېڭىز پورتلىرى ئارقىلىق يۆتكەشكە باشلاش مەسىلىسىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ياۋروپا ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر