TruGo توك قاچىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى سىناق قىلىشقا باشلىدى
تۈركىيە ئاپتوموبىل تەتقىق قىلىپ ياساش گورۇھى (Togg) نىڭ توك قاچىلاش تورى ماركىسى TruGo ئۆزى ئىشلەپچىقارغان توك قاچىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى سىناق قىلىشقا باشلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: TruGo نىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «گەملىكتىكى مۇئەسسەسەمىزدە تۇنجى TruGo توك قاچىلاش ئۈسكۈنىلىرىمىزنى سىناق قىلىشقا باشلىدۇق.»
سىناق ھەققىدە ئېلان قىلىنغان سىنلىق يەنە بىر باياناتتا، بۇ ئۈسكۈنىنىڭ باتارېيەگە 25 مىنۇتتا % 80 توك قاچىلاپ بولالايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
تۈركىيە ئاپتوموبىل تەتقىق قىلىپ ياساش گورۇھى (Togg)، ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ توك قاچىلاش پونكىتى تېپىش ئەندىشىسىنى يوقىتىشنى نىشان قىلىۋاتقان TruGo نىڭ، قاتناش ۋاسىتىلىرى زىچ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا 25 كىلومېتىر، تۆۋەن سۈرئەتلىك تاشيوللاردا بولسا 50 كىلومېتىردا بىر توك قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيەنىڭ «F-16» ئايروپىلانلىرى رۇمېنىيەگە سالام بېرىش ئۇچۇشى ئېلىپ باردى
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «F-16» تىپلىق ئايروپىلانلىرى رۇمېنىيەگە سالام بېرىش ئۇچۇشى ئېلىپ باردى.