ئاقار  ناتو ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانىنى قوبۇل قىلدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى گېنېرال كرىستوفېر كاۋولىنى قوبۇل قىلدى.

1863444
ئاقار  ناتو ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان قوبۇلدا، باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەرمۇ مىنىستىر ئاقارغا ھەمراھ بولدى.

باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەرمۇ، كارولى بىلەن بىلەن كۆرۈشكەندى.

گېنېرال گلەر، ئالدىنقى ئاينىڭ باشلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى گېنېرال كرىستوفېر كاۋولى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى، پايتەخت ئەنقەرەدىكى باش ئىشتاب باشقارمىسىدا ھەربىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالغانىدى.

مۇراسىمدىن كېيىن، گۈلەر بىلەن كاۋولى، باش ئىشتاب باشقارمىسىدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.

ئۇچرىشىشتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككىنچى ئارمىيە ھېسابلىنىدىغان تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ناتو ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر