چاۋۇشئوغلۇ «ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى» توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىستانبۇلدا ئىمزالانغان «ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى» توغرىسىدا توختىلىپ: «ئاشلىق بېسىلغان بىرىنچى پاراخوت يولغا چىقتى. بۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

1863609
چاۋۇشئوغلۇ «ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى» توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مالايشىيا پايتەختى كۇئالا لۇمپۇردا مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيفەددىن ئابدۇللاھ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئاشلىق بېسىلغان بىرىنچى پاراخوتنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئودېسا پورتىدىن يولغا چىققانلىقىنى ۋە لىۋانغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ بىرىنچى پاراخوت، بۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ كېلىشىمنىڭ مۇددىتى تۆت ئاي. شۇڭا، ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىسە 4-3 ئايدىن كېيىن ئاپتوماتىك ئۇزارتىلىدۇ. بۇنىڭ بەدىلىگە، رۇسىيەمۇ ئاشلىق ۋە ئوغۇت ئېكسپورت قىلالايدۇ. بۇمۇ كېلىشىمنىڭ بىر پارچىسى» دېدى.

ئۇ بۇنىڭ بىلەن، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ سودىسىنىڭ ئاسانلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن، ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشى ۋە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئاخىرىدا، ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئۇرۇش توختىتىشقا ۋە تىنچلىق پىلانىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىشقا ۋەسىلە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېر ئادرېسىدا مالايشىيا باش مىنىستىرى ئىسمائىل سابرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ: «ئىستراتېگىيەلىك شېرىكىمىز مالايشىيانىڭ باش مىنىستىرى ئىسمائىل سابرى بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ ئۆتكەن ئاي (ئىيۇل) دۆلىتىمىزنى زىيارەت قىلغاندا ئېلىنغان قارالارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردۇق» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن مالايشىيا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھىشامۇددىن ھۈسەيىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرىدا: «مالايشىيانىڭ ئەڭ پېشقەدەم مىنىستىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتۇق. مۇداپى.ە سانائىتىدىكى ھەمكارلىقىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە كېيىنكى كۈنلەردە باسىدىغان قەدەملىرىمىزنى مۇزاكىرە قىلدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر