تۈركىيە: يەمەندە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە يەمەندە تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى يەنە 2 ئاي ئۇزارتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1862899
تۈركىيە: يەمەندە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ، دۆلەت مىقياسىدا يوللارنىڭ ئېچىلىشى ۋە يەمەندىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھازىرغىچە بولغىنىدەك، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدىمۇ يەمەنلىك تەرەپلەر ئارا ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى ۋە ئىختىلاپنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ئاساسىي قانۇن بويىچە ھەل قىلىنىشىغا قارىتا دىيالوگ تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاشنى ۋە يەمەن خەلقى بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى ھانس گرۇندبېرگ، يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن ھۇسىيلارنىڭ، 2 – ئاپرېلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ۋە تۈنۈگۈن ئاخىرلاشقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى يەنە 2 ئاي ئۇزارتىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر