«پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدا  داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1863262
«پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يەنە بىر باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قەھرىمان قىسىملىرىمىز، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ دائىرىدە، گارا رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورلۇق نىشانلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.»

ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى، قوشۇمچە مىنىستىرلىق باياناتچىسى ئىسمائىل چاتاقلى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىيۇل ئېيىدا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، جەمئىي 68 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، 65 پاناھ جاي ۋە غارنىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچىنىڭ، قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىشلىنىۋاتقان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قېچىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان بۇ ئىككى تېررورچىنىڭ، 1999 – ۋە 2012 – يىللىرى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سېپىگە قتىلغانلىقى ۋە ئىراقتا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 65 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر