ئەردوغان: ئاشلىق مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ مەھسۇلى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۈتكۈل دۇنيانى يېمەك - ئىچمەك كىرىزىسىگە دۇچار قىلغان ئاشلىق مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1862301
ئەردوغان: ئاشلىق مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ مەھسۇلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، پۈتكۈل دۇنيانى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېمەك - ئىچمەك بۇيۇملىرى كىرىزىسىدىن قۇتقۇزىدىغان قەدەمنىڭ تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە تاشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى يولىدا تاشلانغان قەدەمنىڭ پۈتۈنلەي دۆلىتىمىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ھەممە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماقتا. دەرۋەقە، بۇ ھەقتە بۈگۈن (تۈنۈگۈن) قەدەم تاشلاندى ۋە پاراخوتلار يولغا چىقتى. ئىستانبۇلدا 22 – ئىيۇل كۈنى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەر، رۇسىيە – ئۇكرائىنا بازارلىرىدىكى كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى جەھەتتىن تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ باسقۇچنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزى، 23-ئىيۇل كۈنى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. ئاشلىق قاچىلانغان پاراخوت ئودېسسادىن يولغا چىقتى. بۇ پاراخوت ئىستانبۇل بوغۇزىغا يېتىپ بارغاندا، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، تۈركىيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. بىز ئوخشاش شەكىلدىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى ئېنېرگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ساھەلەرگىمۇ كېڭەيتىشىمىز مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر