تۈركىيە ئىراقتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى سوغۇققانلىقنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئىراقتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى پايتەخت باغدادتىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا سوغۇققانلىقنى ساقلاپ قىلىشقا چاقىردى.

1862295
تۈركىيە ئىراقتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى سوغۇققانلىقنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، باغدادتا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەرگە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن سىياسىي ئېنىقسىزلىققا بالدۇرراق خاتىمە بېرىپ، ئىراق خەلقىنىڭ ئىستەكلىرىنى چۆرىگەن ئاساستا سىغدۇرۇشچان ۋە ۋەكىللىك كۈچى يۇقىرى بىر ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقىت زايە قىلماستىن قۇرۇلۇشىنىڭ ئارزۇ قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «بىز ئىراقلىقلارنىڭ قاراش ۋە ئىستەكلىرىنى دېموكراتىك يوللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىمىز. بۇ دائىرىدە، زوراۋانلىقتىن ساقلىنىپ، جەمئىيەت تەرتىپنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيمىز. ئالاقىدار تەرەپلەرنى سوغۇققانلىقنى ساقلىغان ئاساستا ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر