ئاشلىق بېسىلغان پاراخوت ئودېسا پورتىدىن يولغا چىقتى

ئاشلىق بېسىلغان بىرىنچى پاراخوت بۈگۈن (2022-يىلى 1-ئاۋغۇست) ئۇكرائىنانىڭ ئودېسا پورتىدىن ئەنقەرە ۋاقتى 08.30 دا يولغا چىقتى.

1861796
ئاشلىق بېسىلغان پاراخوت ئودېسا پورتىدىن يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاشلىق بېسىلغان بىرىنچى پاراخوتنىڭ بۈگۈن 8 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئودېسا پورتىدىن يولغا چىققانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلار ۋە ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزىنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ئاشلىق بېسىلغان بىرىنچى پاراخوتنىڭ بۈگۈن ئەنقەرە ۋاقتى 8 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئودېسا پورتىدىن يولغا چىقىشى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قوناق بېسىلغان «روزانى» ناملىق يۈك پاراخوتىنىڭ لىۋانغا بارىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ب د ت ئارىسىدا 2022-يىلى 22-ئىيۇل ئىمزالانغان ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى بويىچە، ئاشلىق بېسىلغان بۇ بىرىنچى پاراخوتنىڭ ئارقىسىدىن باشقا پاراخوتلارنىڭمۇ بەلگىلەنگەن كارىدور ۋە پىرىنسىپلار رامكىسىدا يولغا چىقىشى پىلانلانماقتا» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر