چاۋۇشئوغلۇ  كوسوۋۇ ۋە سېربىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دىپلوماتىيە مىنىستىرى  مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سېربىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولا سېلاكوۋىچ ۋە كوسوۋۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دونىكا گېرۋاللا شىۋارىز بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا  تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1861755
چاۋۇشئوغلۇ  كوسوۋۇ ۋە سېربىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋۇشئوغلۇ تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، سېربىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولا سېلاكوۋىچ ۋە كوسوۋۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دونىكا گېرۋاللا شىۋارىزغا، تۈركىيەنىڭ بالقان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ھەردائىم ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە رايوندا يېڭى سۈركىلىشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ھېچكىمگە پايدىسىنىڭ يوقلۇقىنى، سوغۇققانلىقنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ۋە تۈركىيەنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن  خىزمەت ئىشلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

00



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر