ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئولېكساندېر كۇبراكوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1861582
ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە، مىنىستىرلار، ئاشلىق يۆتكەش تەييارلىقلىرى مەسىلىسىدە ئىستانبۇلدىكى بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان، ھەمدە تېخنىكىلىق خىزمەتلەرنىڭ تاماملانغانلىقى، مەمۇرىي تەييارلىقتىن كېيىن ئاشلىق يۆتكەشنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشلىنىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقى، بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزىدىكى خادىملارنىڭ ئىناق ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر