دىيارباقىردا «ئەرەن قامال قىلىش – 28» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

دىيارباقىردا 1021 خادىمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «ئەرەن قامال قىلىش – 28  قوراللىق ساقچى، ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى، سېرژانت مەھمەت ئارىيېشىل» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.

1861652
دىيارباقىردا «ئەرەن قامال قىلىش – 28» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، دىيارباقىردا «ئەرەن قامال قىلىش – 28  قوراللىق ساقچى، ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى، سېرژانت مەھمەت ئارىيېشىل» ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ۋىلايەتلىك  قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتكە، قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترەتلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ئەترەتلىرى ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان 1021 ھەربىي خادىم ۋە 62 ھەربىي ھەرىكەت ئەترىتى قاتناشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر