ئەلبابتا يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئۆي سېلىنىدۇ

تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان ئائىلىلەرگە مىڭ ئۆيلۈك ئاھالىلەر رايونى قۇرۇش ئۈچۈن قاتار قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى.

1860994
ئەلبابتا يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئۆي سېلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر ھەيئىتى قاتار پايتەختى دوھادا ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

ھەيئەت قاتار خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە قاتار خەير-ساخاۋەت جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى بىلەن قاتار قىزىلئاي جەمئىيىتى، سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئەلباب رايونىدا يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان سۈرىيەلىكلەر ئۈچۈن ئاھالىلەر رايونى قۇرۇش لايىھەسىدە ھەمكارلىشىش كېلشىمى ئىمزالىدى.

تەخمىنەن 3.5 مىليون دوللار سەرپ قىلىنىدىغان ئاھالىلەر رايونى، تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى بىلەن قاتار قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ كوردىناتسىيەسى ئاستىدا، تۈركيە ئارمىيەسىنىڭ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بىنا قىلىنىدۇ. چوڭلۇقى 50 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيدىن مىڭ يۈرۈش سېلىنىدۇ. رايوندا باشلانغۇچ مەكتەپ، ساقلىق ساقلاش مەركەزلىرى، جامە ۋە دۇكانلار بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر