ئاقار كۇبراكوف بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئۇكرائىنا ئۇل ئەسلىھە ئىشلىرى مىنىستىرى ئالېكساندېر كۇبراكوف بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

1860376
ئاقار كۇبراكوف بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر ئاقار بىلەن كۇبراكوفنىڭ ئۆزئارا تېلېفونلىشىپ، ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى تاشقى دۇنيا بازارلىرىغا يۆتكەشنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقلىرىنى ھەمدە ئاشلىق يۆتكەش خىزمىتىنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە باشلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىقلار بىلەن يۆتكەش جەريانىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ماسلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر