ئاقار گىرېتسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئەنقەرەنىڭ گىرېتسىيەدىكى تۈرك مەكتەپلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىش قارارىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1858642
ئاقار گىرېتسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار تۈنۈگۈن قەيسەرىدە بايانات بېرىپ، شۇنچە ياخشى نىيەتلىك تىرىشچانلىقلارغا قارىماي، گىرېتسىيە سىياسىيونلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى، گىرېتسىيەدىكى تۈركىيە مەكتەپلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىش قارارىدۇر. بىز بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۈگۈنگە قەدەر گىرېتسىيەنىڭ ھەر تۈرلۈك ناھەق، قانۇنسىز تەشەببۇسلىرىنى ئەمەلىي مەيداندا ۋە سۆھبەت ئۈستەللىرىدە جاۋابسىز قالدۇرمىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قالدۇرمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر