مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى گىرېتسىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى

مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى گىرېتسىيەنىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى كۆپەيتكەن ھالدا داۋاملاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1857941
مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى گىرېتسىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئېچىلغان مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«خەلقئارا قانۇننى كۆزگە ئىلماي ياخشى قوشنىدارچىلىق ۋە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن گىرېتسىيەنىڭ، ئىغۋاگەرچىلىكلىرىگە دېڭىز ۋە ھاۋا تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلىشنى قوشۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىگە يەنە، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە ئىتتىرىدىغان، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنلارغا خىلاپ ھەرىكەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش چاقىرىق قىلىندى. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەڭ باراۋەر ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە ۋە خەلقئارا قانۇن ئالدىدا تەڭ سالاھىيەتلىك بولۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى كۈچلۈك قوللاش تەكىتلەندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر