خۇلۇسى ئاقار ئىستانبۇلدا سېرگېي شويگۇ بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن كۆرۈشتى.

1858391
خۇلۇسى ئاقار ئىستانبۇلدا سېرگېي شويگۇ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى سىرتقا يۆتكەشكە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن كالەندەر سارىيىدا كۆرۈشتى.

ئىككى دۆلەت ۋە رايونغا مۇناسىۋەتلىك مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، مىنىستىر ئاقار ئۇكرائىنادا دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مىنىستىر ئاقار يەنە، دانلىق مەھسۇلاتلارنىڭ دېڭىز يولى ئارقىلىق ئۇكرائىنا سىرتىغا چىقىرىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى يېقىندىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن سېرگېي شويگۇغا مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر