چاۋۇشئوغلۇ ئېستونىيەنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئېستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇرماس رېئىنسالۇ بىلەن تېلېفونلاشتى.

1858335
چاۋۇشئوغلۇ ئېستونىيەنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاقىپلاندۇرۇش ئۇچۇرى تارقىتىپ، مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ رېئىنسالۇنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلەپ، خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلىگەنلىكىنى، سۆھبەت جەريانىدا يەنە، ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ دۇنيا بازىرىغا سېلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ كېڭىيىش مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر