ئەردوغان: «رايونىمىزنىڭ كەلگۈسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ قۇيرۇقچىلىرىغا ئورۇن يوقتۇر»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «تېل رىفات بىلەن مۈنبىچ تېررورىزمنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندى. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پاناھ جايىغا ئايلانغان بۇ پورتلارنى تازىلاشنىڭ ۋاقتى ئاللىبۇرۇن كەلدى» دېدى.

1857199
ئەردوغان: «رايونىمىزنىڭ كەلگۈسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ قۇيرۇقچىلىرىغا ئورۇن يوقتۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىران پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئىران-رۇسىيە ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان:  «دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە قەست قىلغان رەزىل مەركەزلەرنى سۇرىيەدىن يۇلۇپ تاشلاشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز. شۇنى ئېنىق چۈشىنىش كېرەككى، رايونىمىزنىڭ كەلگۈسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ قۇيرۇقچىلىرىغا ئورۇن يوقتۇر» دېدى.

ئەردوغان ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە قانلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى مۇرەسسە قىلغۇسىز بىر كۈرەشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تېل رىفات بىلەن مۈنبىچ تېررورىزمنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندى. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پاناھ جايىغا ئايلانغان بۇ پورتلارنى تازىلاشنىڭ ۋاقتى ئاللىبۇرۇن كەلدى » دېدى.

ئەردوغان سۈرىيە خەلقىگە قىلىنىدىغان ئەڭ چوڭ ياخشىلىىقنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئىشغال قىلىنغان يەرلەردىن يۇلۇپ تاشلاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ۋە ئىراندىن كۈتىدىغىنىمىز بۇ كۈرەشتە تۈركىيەنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدۇر» دېدى.

ئەردوغان ئىراندىكى ئاۇچرىشىشلىرىنى تاماملاپ مەملىكەتكە قايتىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر