ئەردوغان قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 48-يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ناھايىتى ئېنىقكى، تۈركىيەنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان رولى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ كاپالەت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

1857234
ئەردوغان قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 48-يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 48-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسن تاتارغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

ئۇ تەبرىك تېلېگراممىسىرا مۇنداق دېدى: «ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق باراۋەر ۋە ئورتاق خوجايىنى بولغان قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقى، مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قەستلىگەن ھەرىكەتلەرنى تارىخقا ئەبەدىيلىككە كۆمگەن ھەمدە قىبرىس تۈرك خەلقىنى تىنچلىققا، ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگەن قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىمىزنىڭ 48-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، خەلقىم ۋە شەخسىي نامىمدىن سىزنى شۇنداقلا قىبرىس تۈرك خەلقىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن.

تارىخىي مۇساپە جەريانىدا باشتىن-ئاخىر تىنچلىق ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىرادىسىنى ئىسپاتلاپ كەلگەن قىبرىس تۈرك خەلقى، تۈرلۈك قانۇنىي ۋە ئىنسانىيەتكە خىلاپ چەكلىمىلەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، ھەر سورۇندا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئېڭى ھەمدە قەتئىي ئىرادىسى بىلەن ھەر خىل خىرىسلارنى يېڭىش كۈچى ۋە ئىرادىسىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۈيۈك تۈرك خەلقى ۋە شەخسىي نامىمدىن قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ تىنچلىق ھەمدە ئەركىنلىك كۈنىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. بۇ مۇقەددەس كۈرەشتە، جېنىنى پىدا قىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى رەھمەت ۋە مىننەت؛ قەھرىمان غازىلىرىمىزنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن. قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ باياشادلىقى، ئېسەنلىكى ۋە خۇشاللىقىنىڭ ئەبەدىي بولۇشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىمنى يەتكۈزىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر