ئەردوغان ئىراندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىيسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىرانغا بارىدۇ.

1856022
ئەردوغان ئىراندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، رەسمىي زىيارەت دائىرىسىدە،  19 - ئىيۇل پايتەخت تېھراندا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىيسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈركىيە-ئىران يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 7 - نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كېڭەش يىغىنىدا، تۈركىيە-ئىران مۇناسىۋەتلىرى ھەر قايسى جەھەتتىن كۆزدىن كۆچۈرۈلۈپ، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى ياخشىلاش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شۇ كۈنى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى ساھىبخانلىق قىلىدىغان «ئاستانا فورماتىدىكى يەتتىنچى نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى» غا ئىشتىراك قىلىدۇ.

باشلىقلار يىغىنىدا سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، سۈرىيەدىكى پ ك ك/ ي پ گ ۋە دائېش قاتارلىق رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش، سىياسىي ھەل قىلىش تىرىشچانلىقى، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى ۋە سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىشى قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر