ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1855782
ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سۆھبەت جەريانىدا تۈركىيە-فىرانسىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتىدە، <SAMP-T>  باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىغا بولغان ئۈمىدىنىڭ «تولۇق ئېنىقلىق» پرىنسىپى دائىرىسىدە ئەڭ يۇقىرى ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشمە سىستېمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە سېتىۋېلىش لايىھەسىنىڭ باشلىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ ئېكسپورت جەريانىنى ئىستانبۇلدا قۇرۇلىدىغان تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن تەشكىل تاپقان ماسلاشتۇرۇش مەركىزىدىن باشقۇرۇشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، پىلاننى تېز ئىجرا قىلىش ئارقىلىق يەر شارىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جەھەتتىن  زور يېنىكلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر