ئەردوغان: « بۈيۈك ۋە قۇدرەتلىك يېڭى تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «دۆلىتىمىزنىڭ قايتا 15-ئىيۇلغا ئوخشاش مۇسىبەتلەرگە ئۇچرىماسلىقى ۋە مىللىتىمىزنىڭ قايتا ئاسارەت تەھدىتىگە دۇچ كەلمەسلىكى ئۈچۈن بۈيۈك ۋە قۇدرەتلىك يېڭى تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

1855631
ئەردوغان: « بۈيۈك ۋە قۇدرەتلىك يېڭى تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنىنى خاتىرىلەش پروگراممىسى» دا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان 15 – ئىيۇلنىڭ خەلقلنىڭ تارىخىدا ئەسىرلەر بويى ئۇنتۇلمايدىغان ۋە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تىلدىن تىلغا كۆچىدىغان داستاندەك بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مىللەتنىڭ 15 - ئىيۇلدا كۈن پېتىشى بىلەن باشلانغان سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنىشىنى قەلبىدىكى ئىماندىن ئالغان كۈچ بىلەن ئەتىگەن سەھەر قوياشنىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ  مەغلۇب قىلىش ئارقىلىق بىر داستان يازغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

«تەخمىنەن ئىككى ئەسىردىن بېرى ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا تېرىشقان ھەر بىر پەيتتە، بۇ مىللەتنى ئۇرۇش، بۇزغۇنچىلىق، سىياسىي ئۆزگىرىش، ھاكىممۇتلەقلىق، تېرورلۇق، سىياسىي مۇقىمسىزلىق، ئىقتىسادىي كرىزىس ۋە ئىجتىمائىي توقۇنۇشلار بىلەن تىز پۈكتۈرگەنلەر ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، بۇ قېتىم مەغلۇب بولدى. ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشاشمىغان نىقابلار بىلەن سەھنىگە قويۇلغان مەخپىي ئويۇن 15 – ئىيۇل كېچىسى مىللىتىمىزنىڭ ئىمانغا تولغان كۆكرىكىگە سوقۇلۇپ يەر بىلەن يەكسان بولدى. دۆلىتىمىزنىڭ قايتا 15-ئىيۇلغا ئوخشاش مۇسىبەتلەرگە ئۇچرىماسلىقى ۋە مىللىتىمىزنىڭ قايتا ئاسارەت تەھدىتىگە دۇچ كەلمەسلىكى ئۈچۈن بۈيۈك ۋە قۇدرەتلىك يېڭى تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر